♀️ئاكتىپ بولىۋەرمەڭ، بولمىسا باشقىلار سىزنى ئاجىز ياكى ئىلاجسىز ھېسابلاپ شۇنىڭغا كۆنۈپ قالىدۇ. رەنجىشلىرىڭىزنى يوشۇرماڭ، بولمىسا باشقىلار ئۆزنىڭكىنى ھەر ۋاقىت توغرا سىزنىڭكىنى ھەقىقەتەن خاتا دەپ ئويلاپ قالىدۇ. تۈرلۈك مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلايمەن دەپ ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋەرمەڭ، بولمىسا باشقىلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىز دەپ ئويلاپ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يوق ئادەملەر ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى قۇربان قىلىۋەرمەڭ، بولمىسا باشقىلار سزدىمۇ بىر يۈرەكنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. باشقىلارنى بەك چوڭ بىلىپ ھەر ۋاقىت ئېگىز كۆتۈرىۋەرمەڭ، بولمىسا سىزنىڭ كۆتۈرۋاتقىنىڭىزنى ئۇنتۇپ ئېگىزدە تۇرۇپ سزنى مەسخىرە قىلىدۇ. ھەر ۋاقىت باشقىلارنىڭ خوشاللىقى، رازىلىقى ئۈچۈن ياشاپ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويماڭ بولمىسا سزنىڭمۇ قەدىر قىممىتىڭىز بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ…