ئاقكۆڭۈللۈك بىر خىل گۈزەل ئەخلاق. لېكىن، ئۇنىڭمۇ بىر چېكى بولۇشى كېرەك. چۈنكى ھامان بىر ئادەم سىزنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكىڭىزدىن پايدىلىنىپ، سىزنى قايتا-قايتا ئازابلايدۇ ۋە سىزنىڭ قانچىلىك ئازابلىنىشىڭىزغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئۇلار سىزنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرىڭىزنى ئېتىبارغا ئالمايدۇ، سىزنىڭ ھەرقانچە يول قويغىنىڭىزنىڭمۇ پايدىسى بولمايدۇ. ھازىرقى دەۋردە، مىننەتدارلىقنى بىلمەيدىغان، نەپسانىيەتچى ئادەملەر ئۇچراپ تۇرىدۇ. سىز ئاقكۆڭۈل بولسىڭىز، ياخشى مۇئامىلە قىلسىڭىز، باشقىلارغا خالىغانچە يول قويسىڭىز، كەڭ قورساق بولسىڭىز، باشقىلار بۇنىڭدىن مىننەتدار بولماستىن، ئەكسىچە سىزدىن قايتا-قايتا پايدىلىنىدۇ.ئاق كۆڭۈللۈك خاتا ئەمەس، لېكىن چەكتىن ئاشقان، تۆۋەن چېكى يوق ئاقكۆڭۈللۈك پەقەت بىر ئەخمەقلىق، خالاس. ئادەم ھەددىدىن زىيادە ئاقكۆڭۈل بولسا، باشقىلار بوزەك قىلىدۇ، شۇڭا ھەممە ئىشنىڭ چېكى بولۇشى كېرەك. سىزنىڭ ئازراق چۇس مىجەزىڭىز بولسا، باشقىلار ئاندىن سىزگە ئەھمىيەت بېرىدۇ؛ سىز رەت قىلىشقا جۈرئەت قىلسىڭىز، باشقىلار ئاندىن ھۆرمەت قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئىزچىل ئەخمەقلەرچە ئاقكۆڭۈل بولسىڭىز، كىم سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىزنى نەزەرگە ئالىدۇ؟ دۇنيادا شەخسىيەتسىز ئادەم ناھايىتى ئاز، ھەممە ئادەم بەختكە ئېرىشىشنى، مال-دۇنياغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ياخشىلىقنى پايدىلىنىش دەپ بىلىدىغان، قىزغىنلىقىڭىزنى كۆزگە ئىلمايدىغان، سۈكۈت قىلىشىڭىزنى كەمسىتىدىغان، سىزنى تۈگەشتۈرگەن تۇرۇپ، يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك قىياپەتكە كىرىۋالىدىغان بەزىبىر ئادەملەر سىزنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ، ئۇلارغا چىن كۆڭلىڭىزدىن سەمىمىي بولۇشىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئەھمىيىتى يوق.