گېزا ئېھرامى مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ غەربىي جەنۇبىغا تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كېلىدىغان گېزا ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، گېزا ئېھرامى مىسىردىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئېھرام ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېھرام قەدىمكى مىسىرنىڭ 4-سۇلالىسىدىكى فىرئەۋننىڭ ئېھرامى بولۇپ، ئۇنىڭ قەبرىسى دەپ قارالماقتا شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئېگىز مىسىر ئېھرامىدۇر.بۇ ئېھرام مىلادىدىن بۇرۇنقى 2580ـ يىلى سېلىنغان بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2560ـ يىلى تاماملانغان. گىزا رايونىغا جايلاشقان ئېھرام توپى ئىچىدىكى ئەڭ ئېگىزى بولۇپ، «دۇنيادىكى سەككىز چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى» دەپ تەرىپلەنگەن.مىسىر چېگراسى ئىچىدە جەمئىي 110 ئېھرام بايقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە گېزا ئېگىزلىكىدىكى ئۈچ ئېھرام___گېزا ئېھرامى، خەۋلا ئېھرامى ۋە مىنكاۋۇلا ئېھرامى ئەڭ قەدىمىي ئېھراملاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئېھرامنىڭ شەكلى «ئالتۇن» (金) دېگەن خەتكە ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۇ بىر خىل چاسا چوققا تاشتىن قوپۇرۇلغان ئىمارەت. قەدىمكى مىسىردا پادىشاھ، خانىش ياكى خان جەمەتىنىڭ باشقا ئەزالىرىنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن قەبرە ئورنىدا ئىشلىتىلگەن. ئۇ ئالتۇندىن ياسالمىغان بولۇپ، بىز ئادەتتە قارىغاندەك مۇنار شەكىللىكمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ كۆلىمى چوڭ بولغاچقا، تۆت ئەتراپىدىن قارىسا تەڭ يانلىق ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە كۆرۈنىدۇ. بۇ خۇددى خەنزۇ تىلىدىكى «ئالتۇن» (金) دېگەن خەتكە ئوخشايدۇ. شۇڭا خەنزۇ تىلىدا ئوبرازلىق قىلىپ ئۇنى «金字塔» دەپ تەرجىمە قىلغان.