«ھەق-تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1075-ماددىسىدا: «ئىنى-سىڭىللىرىنى بېقىش ئىقتىدارى بار ئاكا-ئاچا ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئاتا-ئانىسى باقالمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن ئىنى-سىڭىللىرىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن بىر خىل مەجبۇرىيەت، يەنى ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى باقالمىغان چاغدا، بېقىش ئىقتىدارى بولغان قۇرامىغا يەتكەن ئاكىسى ۋە ئاچىسى بېقىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا، قۇرامىغا يەتمىگەن ئىنىسى، سىڭلىسى سوت مەھكىمىسىگە ئاچا-ئاكىسىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ ئەرز قىلسا بولىدۇ.