بىز چوڭ بولدۇق، سوۋىغان چاينى تۆكىۋىتىشنى ئۆگەندۇق، مىننەتلىك تاماقنى يېيىشتىن تۈگۈل، قايرىلىپ قاراشنىمۇ لايىق كۆرمىدۇق. قەدىرىمىز يوق بوسوغۇلاردىن ئاتلىماس بولدۇق، كەينىمىزدىن نېمە-نېمىلەر دېگەنلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈلۈپ قارىيالايدىغان بولدۇق، بىزنى چوڭ بىلگەنلەرنى ئاشۇرۇپ چوڭ بىلىدۇق، بىزنى سۆيگەنلەرنى ئۇلاردىن ئارتۇق سۆيدۇق، ھۆرمەت قىلمىغانلارغا پەرۋا قىلماسلىقنىمۇ ئۆگەندۇق، چۈنكى بىز بۇ يېشىمىزدا كۆپنى چۈشەندۇق.....