توختى «قوپال»نىڭ گېپى تۈگىشى بىلەن تەڭ ئولتۇرغانلار يانلىرىغا ئېسىۋالغان پىچاقلىرىنى چىقىرىشىپ توختى «قوپال»غا بەردى، توختى «قوپال»نىڭ ئۆزىگە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئاسىم ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى دەرھال چۈشەندى-دە، يېنىدىكى پىچىقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى. شۇ تاپتا ئاسىمنىڭ بۇ يەردىن چىقىپ كەتكۈسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەيىبلىشىدىن ۋە بىھۇدە گۇمان قىلىپ قېلىشىدىن قورقۇپ چىقىپ كېتىشكە پېتىنالماي جىممىدە ئولتۇردى.