يىلدىن-يىلغا دەرمانسىزلانغان تەن،ئاقارغان چاچ،نۇرى ئۆچىۋاتقان كۆز،رەڭسىز ئىزنالىرىمغا قاراپ ئۇھسىنىپ قالىمەن،شېخىدىن تۆكۈلۈپ تۇپراققا ئايلىنىۋاتقان يوپۇرماقلار ،كالىنداردىن بىر-بىرلەپ يىرتىلىۋاتقان ۋاراقلار ،تېز سۈرئەتتە ئېقىپ يىراقلاپ كېتىۋاتقان ھەيۋەت ئېقىن مەن شۇمەنمىدۇ ؟!..كىچىك ۋاقتىمدا مەھەللىمىزگە قايرىلىدىغان چوڭ يولنىڭ بويىدا بىر قەۋرىستانلىق بولىدىغان،كۈپ-كۈندۈزدىمۇ بۇ يولدىن يالغۇز ئۆتۈشكە شۇنچىلىك قورقاتتىم ،كېيىن ھەر يولدىكى ھەر-خىل ھاسىلاتلاردىن بىلدىمكى كۈندۈزى ئۆلۈكلەردىن قورقماي كېچىسىمۇ تىرىكلەردىن ئېھتىيات قىلىش زۆزۈز ئىكەن،سەن قوش قوللاپ سۇنغان گۈلرەڭ مەيزاپلار تۇمانغا قوشۇلۇپ كەتتى،داغلىغان يۈرەكتىكى تاتۇقلارمۇ سۇسلاشتى، جاراھەت ئىزلىرىنىڭ ئورنىمۇ پۈتتى،ئەمما ساڭا بولغان سۆيگۈمدە ئۆزگىرىش يوق،قەھرىتاننىڭ ئاپئاق قارلىرى لەپىلدەپ يېغىۋاتقان بىر كۈنى بىز نىشاننى ھېلىقى «ئايىقى» ياراشمىغان كوچىغا بۇرىۋەتتۇق،بىر قولۇڭدا بىر سومكا كىتاپ ،بىر قولۇڭدا مەخسۇس ئاياللىقىمنى نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ كەلگەن ئەپچىلگىنە بىر قازاننى كۆتۈرگىنىڭچە كىرىپ كەلدىڭ،قىزىرىپ تۇرۇپ قوللىرىڭنى ئالقانلىرىم ئارىسىغا ئالدىم،سۆيگۈ تەپتىدىن بولسا كېرەك،قاردا قالغان قوللىرىڭ چوغدەك ھارارەتلىك ئىدى،گاھىدا شۇ قازاندا پورۇقلاپ قايناۋاتقان ھەر-خىل خۇرۇچلار ئارىسىدىكى ئەسلىمىلەر ئىخىتىيارسىز دىمىقىمنى ئېچىشتۇرىدۇ .