بۇ ھاياتتا ھەر بىرىمىزنىڭ بىر مەزگىللىك تۇرمۇشنىڭ چېكى يوق، كىشىلىك ھاياتتا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، دەپ قارايدىغان سەبىي، گۆدەك يىللىرى بولىدۇ. بىراق ھەقىقىي باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن بىز كىشىلىك مۇساپىمىزنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇنلۇقىنى ھەم ئارقىمىزدا بىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان جاپا-مۇشەققەتنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۇق.ھارغان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزگە يەنىمۇ ئازراق چىدا، ياخشى كۈنلەر ئالدىمدا دېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشىمىز ناتايىن، لېكىن تىرىشمىغاندا چوقۇم نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئادەم ئادەتتە ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكىدىن قەيسەر كېلىدۇ، ئاجىز بولغانلىقىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ كۈچلۈك بولۇشىمىز كېرەك. پۈتۈن بەدىنىمىز جاراھەت ئىزلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، جاسارەت بىلەن بىر ئېلىشىپ بېقىشىمىز كېرەك.مۇۋەپپەقىيەت ئەزەلدىن بىر كېچىدىلا قولغا كەلگەن ئەمەس، بەلكى سانسىزلىغان تىرىشچانلىقلاردىن جۇغلانغان. تارتقان جاپالىرىڭىزنىڭ مېۋىسىگە ھامان بىر كۈنى ئېغىز تېگىسىز.