ئامەتلىرىڭ قېچىپ تامام تۈگىگەندە، تەقدىر سېنى ھەر قىسمەتتە چۆرىگەندە، دۈشمەن تۈگۈل دوستلىرىڭ يۈز ئۆرىگەندە، چاخچىقى كۆپ بۇ ھاياتنىڭ بوپتۇ دېگىن. جاھان ساڭا تاتلىق بېقىپ كۈلمىگەندە، قايغۇ-ھەسرەت يۈرىكىڭنى ئۆرتىگەندە، خىيانەتتىن پۈتۈن جىسمىڭ تىترىگەندە، توققۇزى تەل ئىنسان نەدە بوپتۇ دېگىن. ھەر دوقمۇشتا بىر پۇتلىشىپ مۆدۈرگەندە، ئەلەملەردىن كۆزۈڭدە ياش ئەگىگەندە، ھەتتا سۇمۇ گاللىرىڭغا تۈرۈلگەندە،جاھاندارچىلىق شۇ ئۇخشايدۇ بۇپتۇ دىگىن