-نېمە ئۈچۈن ياخشى نەرسىلەرنىڭ كەينىدىن غەيۋەتلەر شۇنچە كۆپ بولىدۇ؟ نېمىشقا دائىم شۇنچە كۆپ ناھەقچىلىكلەرگە ئۇچرايدۇ؟ دانا كىشى مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ: -قارىمامسەن، مەي باغلاپ تاتلىق پىشقان مېۋىگە شۇنچە كۆپ تاش ئېتىلىدۇ، ھەتتاكى شاخلىرى سۇندۇرۇلىدۇ، ئەكىسچە مېۋىسىز دەرەخكە تاش ئەمەس ،چېۋىن پاشىمۇ قونمايدۇ.... -دېمەك ئۇنىڭ ئەيىبلەنگىنى ماھىيەتتە ماختالغىنىدۇر... ئارقىڭىزدىن بولۇنغان گەپلەرگە پەرۋا قىلماڭ، قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق بولغىنىدەك ،باشقىلار سىزگە يېتەلمىگەنسېرى ئارقىڭىزدىن ئۇنى بۇنى دەپ باققۇسى كېلىدۇ، باشقىلارنىڭ سىزگە قانداق باھا بېرىشى مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۆزىڭىزگە يۈز كېلەلىگۈدەك ياشىسىڭىزلا بولدى.... ♥️