بالا يىتۈپ كەتسە 24 سائەتتىن كېيىن ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەكمۇ؟يېقىندا گۇاڭدۇڭ دۇڭگۇەندىكى بىر دادا 11 ياشلىق قىزى كەيپىياتى ناچار سەۋەبلىك مەكتەپكە بېرىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنى باسالماي قىزىنى بىر كاچات ئۇرغان، قىزى كەينىگە بۇرۇلۇپلا قېچىپ كەتكەن. 10 ياشلىق ئىنىسى ئاچىسىدىن ئەنسىرەپ ئىزدەپ چىقىپ كەتكەن، نەتىجىدە، ئىككى بالا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى بالا يوقاپ كەتسە 24 سائەتتىن كېيىن ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلغىلى بولىدۇ دەپ قاراپ، 10 سائەت ئىزدەپ نەتىجىسى بولمىغاندىن كېيىن، ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەم سورىغان، بەختكە يارىشا بالا ئاخىرى تېپىلغان. بۇ يەردە ئەسكەرتىمىزكى: بالىلار يوقاپ كەتسە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىش كېرەك، 24 سائەت ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق!