غايىڭىزنى ياش ۋاقتىڭىزدا تاشلاپ قويماڭ! ئاكا- ئۇكا ئىككەيلەن بىناغا كىرىپ لېفىتقا بارسا توك توختاپ قالغانلىق ئۇقتۇرۇشى چاپلاقلىق. ئامالسىز پەلەمپەيدىن چىقىشقا باشلاپتۇ. 20- قەۋەتكە كەلگەندە ئىككىلىسىنىڭ يۇدىۋالغان سومىكىلىرى ئېغىر كىلىپ شۇ ئارىلىققا قويۇپ قويۇپ ھېلى توك كەلگەندە ئاچىقىپ كەتمەكچى بولۇپ ئۆزلىرى قايتىدىن چىقىشقا باشلاپتۇ. 40- قەۋەتكە كەلگەندە، ئەتىگەن بىنادىن ئايرىلغاندا توك توختاپ كەتكەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى نىمىشقا كۆرمىگەنلىكىىنى بىر- بىرىگە تاپا تەنە قىلىشىپتۇ. بىر ۋاقىتتا ئاران دىگۇدەك 80- قەۋەتتىكى ئۆيىگە چىقىپتۇ- يۇ ، ئۆينىڭ ئاچقۇچىنىڭ بىر توپ ئاچقۇچ بىلەن بىرگە چوڭ سومكىنىڭ يان يانچۇقىدا سېلىقلىق ھالدا 20- قەۋەتكە قويۇپ قويغانلىقىنى ئەسكە ئېلىشىپتۇ. ھېكايە مۇشۇ يەردە تۇگىدى. ھەممىمىز ئاڭلىغان. ئەمما بۇ ھېكايە ھازىرقى كىشلىرىمىزنىڭ ھاياتىغا تولىمۇ ئوخشايدۇ. ئادەم 20 ياش ۋاقتىدا كۆڭلىگە ساپ، ئۆزىگە مۇۋاپىق نۇرغۇن ئارزۇلارنى پۇكىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن كىيىن خىزمەت، ئۆي، ئەمەل، نام دىگەندەك نۇرغۇن بېسىملار بىلەن بۇ ئارزۇلارنى بىر- بىرلەپ تاشلاپ ماڭىدۇ. ئاخىرى ئۆمىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىنى ياش ۋاقتىدا تاشلاپ قويغانلىقىنى بايقايدۇ.