« ئىزچىللىق كېچىسى» شەمشىنۇر دوختۇر تەۋسىيەسى: مەن باتۇرلۇقنى قوقماس قاپ يۈرەكلىكنى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا باتۇرلۇق ۋە پەم پاراسەت بىلەن خالىغان ئىشىم توغرا بولسىلا قىلىۋىرىمەن. توغرىنىڭ ئۆلچىمى باشقىلارنىڭ قولىدا ئەمەس. توغرىنىڭ ئۆلچىمى پەقەتلا بىر بولىدۇ. ھەرخىل بولمايدۇ. ئۆزۈڭ ئىشىنىپ تۇتقان لېنىيەدىكى توغرىنى ئېتىراپ قىل ! شۇ بويىچە يول تۇتۇپ ماڭ. ! بۈگۈنكى ئىزچىل بىلىم ئېلىش ۋە بېرىش سەپىرى: 1- ئىنسان توغرىسىدا بىلگىلەر ئوقۇدۇم. ئىنسان زەئىپتۇركى ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك يەرگە، كىملەرگە يىتىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ. شۇڭا ئۆزىنى ئاي قۇياش چاغلىغان بەزى ئىنساننىڭ كۈچى ئۆزى ياراتماي يەردىكى لاي كۆرگەن ئادەتتىكى كىشىلەرگىمۇ يەتمەي بىچچارە بولىدۇ. بۇمۇ ئىنساننىڭ ئاجىز بىچچارىلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. 2- ئىزچىل ئىرادە توپىدا ئىزچىللىقنىڭ كۈچى ۋە بېلىقىز دوختۇرنىڭ ئاياللار كېسەللىكلىرى توغرىسىدا ئۈگۈتۈشى توغرىسىدا بىلگىلەر سۆزلۈدۈم. 3- ئىسلاھات توپىدا ۋىتامىنلار توغرىسىدا بىلگىلەر سۆزلۈدۈم. 4- ساغلاملىق توغرىسىدا بىلگىلەر سۆزلۈدۈم. 5- ئىقساد بىلىملىرى ۋە دۇنيا قارىشى توغرىسىدا بىلگىلەر ئوقۇدۇم. 6- تېرە سۈزۈلدۈرۈش ، سۆڭەك بوغۇم، قان بېسىم كېسەللىكلىرىگە مەسلىھەت بەردىم. 7- ساغلام تۇرمۇش ئادىتى توغرىسىدا بىلگىلەر ئوقۇدۇم. 8- تۇرمۇش بىلىملىرى ئوقۇدۇم. تۇرمۇشى ناچار بولۇش ئۈلگىنىڭ ناچارلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بىر ئەدەپسىز ئانىنى تونۇيمەن. ئېرىنى پەقەت كۆزگە ئىلمايدۇ . ئۇ ئايالنىڭ ئىككى ئوغلىنى خوتۇنلىرىمۇ پەقەت كۆزگە ئىلمايدۇ. ئانا زومىگەر ئۈلگە بولغاچ باللىرى دادىسىدەك بەخىتسىز بوپ قالدى. بالىڭىزنى ئويلىسىڭىز ئۆز ئورنىڭىزدا تۇرۇڭ. 2022.03.20شەمشىنۇر دوختۇر