دۇنيادا چۈشىنىش قىيىن كىشى يەنىلا دادا1. ئۇ بىر تەرەپتىن سىزنى ئىقتىسادچىل بۇلۇشقا ئۈندەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن تاپقان تەرگىنىنىڭ ھەممىنى سىز ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ.2.ئۇ سىزنىڭ خاتالىقىڭىزنى ئەيىپلەيدۇ، بىراق تىنىم تاپماي سىز ئۈچۈن ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەيدۇ.3. ئۇ ئەزەلدىن سىزنى كۆپتۈرۈپ ماختىمايدۇ، بىراق يۈرىكىدىن سىز ئۈچۈن پەخىرلىنىدۇ.4.ئۇ سىزنى بالدۇر مۇھەببەتلىشىشتىن تۇسۇيدۇ، بىراق يۈرىكىدىن، سىزنىڭ كەلگۈسىدە بەختلىك ئائىلىڭىز بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ.5.دۇنيادا سىزنى ئەڭ ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ سىرتىدا ئانچە ئىپادىلاپ كەتمەيدىغان كىشى دەل دادا.6. دادا سىزنى ئات مىنىشكە، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا، قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ، بىراق يۈرىكىدىن ھەر دائىم سىزنىڭ خەتەرگە ئۇچۇراپ قېلىشىڭىزدىن ئەنسىرەيدۇ.7.دۇنيادا، بېسىمى ئەڭ چوڭ، گەۋدىسىدىكى يۈكى ئەڭ ئېغىر كىشى يەنىلا دادا.8.دۇنيادا ئەڭ غېرىپ كىشىمۇ يەنىلا دادا.