19-ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ سودا ئەلۋەتتە چاررۇسىيەنىڭ ئالياسكىنى ئامېرىكىغا سېتىپ بېرىشىدىن باشقىسى ئەمەس. ئەينى چاغدا ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمىغاندەك قىلغان بۇ زېمىن سودىسىنىڭ مۇھىملىقى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە چۈشۈپ، ئاخىرىدا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنلا باشلانغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا بىراقلا پارتلاپ چىقتى ۋە ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ غەلىبىسى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلاپ چۈشۈشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئىشقىلىپقۇ «يەر دېگەن ئالتۇن قوزۇق» دەپ بىكار دېمەپتىكەن چوڭلار، يەر سېتىپ پۇشايمان قىلمىغان ئادەم بولمىسا كېرەك جاھاندا. رۇسيەلىكلەرمۇ ئەڭ باشتا ئۆزى بايقاپ ئۆزى ئېچىپ ئۆزى «ئالياسكا» دەپ بىر چىرايلىق ئىسىم قويۇپ يۈز يىلدەك ئىدارە قىلغان بۇ زېمىننى ئاخىرىدا سېتىپ قويغىنىغا ئۆلگۈدەك پۇشايمان قىلىۋاتقىلى نېكەم، ئەمما توخۇ سۈتىنىمۇ تاپقىلى بولىدىغان توردا سېتىلمايدىغان بىردىنبىر نەرسە دەل مۇشۇ پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا.