يەنە كۆرىشىمىز بۇ ئەسەر دىكى(مەن) بولسا «مەن ئۆزۈم »ئەمەس.بۇ پەقەت ھېكايە خالاس. ھېچىقانداق ئىشلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مېنىڭ بۇ كىچىككىنە بىر ناھىيە بازىرىدىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ بۇ يەرگە كېلىشىم ماڭا بىر يالغۇزلۇق ھەم گاڭگىراشلارنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. مەن ئاستا چامدانلىرىمنى سۆرەپ ياتاق بىناسىغا كىرىپ كەلدىم. بۇ ياتاق بىناسى گەرچە مەن ئويلىغاندەك بەك چىرايلىق، پاكىزە بولمىسىمۇ بىراق خېلى ياراپ قالغان ئىدى. چۈنكى بۇ يەردە ھەرقايسى ناھىيە-شەھەرلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاربىلەن تولغان ئىدى. مەن ئاستا چامدانلىرىمنى سۆرەپ ئۆزۈم بۆلۈنگەن ياتاققا كىرىپ كەلدىم.ياتاق ئىچى رەتلىك ھەم خۇشپۇراق ئەتىر پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. - ئاغىنە كەلدىڭىزمۇ؟ دەپ بىرى ماڭا قىلىۋاتقان ئىشىنى قويۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ قولىنى تەڭلىدى. مەن ھەيران قالغان ھالەتتە تۇرۇپ قالدىم ھەم چامداننى تاشلاپ قېتىپ قالغان ئادەمدەكلا بولۇپ قالدىم.