بۇ ھايات دەرۋەقە شۇقەدەر سۆيۈملۈك، شۇ قەدەر بىباھا ئىكەن، دۇنيادا مېھىر-مۇھەببەت، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا بېغىشلاشلار، بەدەل تۆلەشلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز دەل شۇلاردىن كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، ئاندىن بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرگە، مالامەتلەرگە، يوقىتىشلارغا باتۇرلۇق بىلەن يۈزلىنىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، نۇرغۇنلىغان تۈنۈگۈنلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈپ، تالايلىغان بۈگۈنلىرىمىزدە چاقناپ، يەنە مەۋھۇم ئەمما شۇقەدەر جەلپكار ئەتىلىرىمىزگە تەلپۈنۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھايات مۇساپىمىزنى تاماملاپ، بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالىدىكەنمىز.