ھاياتنى سۆيگەن كىشى،ئاۋال ئۆزىنى سۆيىدۇ،دېيىشىدىكەن دانالار،بەرھەق مېھمانلىق ھاياتنى قانداق كۈتىۋېلىشنى بىلگەن كىشى دەشت قۇملۇقتىن چېچەك ئېلىپ،بىپايان مۇزلۇقتىن گۈل ئېچىلدۇرۋېتەلەيدۇ ،قورقۇنچلۇق تۈن،ئازاپلىق كۈنلەردىن ھوسۇل يىغالايدۇ ،بۇ ئالەمگە خاس ئەۋەتىلگەن ئامەت ۋە ئاپەتلەر قايتىپ كېتىشكە كەلگەن ئەمەسمۇ ؟ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى قانائەت شېرىنلىكى چۇلغۇۋالغان بولسا كېرەك ،ئەتراپىمدىكى زارلىنىشلار زېھنىمگە كىرمەسلا بولدى ، ئۇزۇندىن بۇيان مۇنداق بىر پۇرسەتنى كۈتۈپ چىڭقالغان نېرىفلىرىم باھارنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئارمانىغا يەتتى ،دەرۋازا ئالدىدىكى چوڭ بىر تۈپ سېدە دەرىخىدىكى بىر توپ قۇشلار باھارنى مەدھىيلەۋاتامدىغاندۇ؟!سايراشلىرى نەقەدەر جاراڭلىق،بىرلىككە كەلگەن ئاۋاز بۇ ؟ ئېھتىمال ئىناقلىق خورى ئېيتىۋاتقان بولسا كېرەك !