ئىككىنچى تىلنى ئۆگەنگەندە ،ئۆگىنىش جەريانى ئۆگەنگۈچىنىڭ ھەرخىل شەخسىي ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.چاۋمۇسكىينىڭ نەزەرىيىسىدە:نورمال ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە،تىل ئۆگىنىش جەريانى شۇ ئۆگەنكۈچىنىڭئۆگىنىش مۇددىئاسى،پوزىتسىيىسى،مىجەز-خۇلقى قاتارلىق بىرنەچچە ئامىللاربىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ»› دېيىلگەن.ئەگەر بۇ ئامىللارنى توغرا بىرتەرەپقىلالمىسا ،تىل ئۆگىنىشكە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ.بىرتىلنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنى ھازىرلاشقا توغراكېلىدۇ.بىرىنچىسى،سۆز يادلاش، گرامماتىكىلىق قائىدىلەرنى ئەستە تۇتۇش،ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش قاتارلىقلار. ھالقىلىق نۇقتا ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئۆگىنىشئۇسۇلىنى تېپىش،ھەمدە ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە كۆپرەك ئىشلەتسىلا بولىدۇ.ئىككىنچىسى، ئۆگىنىۋاتتان شۇ تىلغا نىسبەتەن زور دەرىجىدە قىزىقىش پەيدقىلىش كېرەك، ئۇنداق قىلغاندىلا ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتەرگىلى بولىدۇ.ئۈچىنچىسى، تىل ئۆگىنىشنى باشلاشتىن بۇرۇن بۇرۇنقى ناتوغرا قاراشلىرىڭىزنىسۈپۈرۈپ تاشلاڭ. مەسىلەن، ۋاقىت يەتمەيدۇ، زېرىكىشلىك دېگەندەك.بۇنداقكۆپ باھانە بىلەن سىز تىلنى مەڭگۈ ياخشى ئۆگىنەلمەيسىز.