ھەممە نەرسىسى تۇلۇق يالغۇزلۇقنى چۈشەنگىنىڭىزدە سىز ئۆزىڭىز ئەمەس - دۇنيا راھەت ئەمەسياشاش ياشاش ئەمەس - تىنىقلىرىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە تەۋە بولمىغان بىر زامان - ئەتراپىڭىزدا لىققىدە ئىنسان ئەمما بىرسى سىزنىڭ دۇنيارىڭىزدا ئەمەس - ھەممە نەرسىڭىز تۇلۇق ھېچكىمسىز بىرىدۇر سىز - باھانە ئىزدەيسىز بىرنى قاقاقلاپ كۈلۈش ئۈچۈن - سەۋەپ تولا ئۆكسۈپ يىغلىشىڭىز ئۈچۈن - ھەققىڭىز يوق بىر كۈن ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياشاپ بېقىشقا - بەزىدە ھەيكەل سىز ۋە ياكى ماشىنا ئادەم - چارچىدىم دىيىشكە ھەقلىق ئەمەس سىز - بېشىڭىزنى قويىدىغان بىر مۆرىگە مۇھتاج سىز - ئەمما سىزگە ئۇچرايدىغان ھەممىسى سىزگە يۆلىنىدىغانلا - قايسى تەرەپكە يۆلەنسىڭىز يېقىلىدىغىنىڭىز ئىنىق - بەزىلەر قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇشتىن باشقىنى بىلمىسە يەنە بەزىسى بىراقلا تۈگىشىپ كىتىشىڭىزنى خالايدۇ - باغرىنى ئېچىپ كەل بىردەم ئارام ئال دىيەلەيدىغان كىملىرىڭىز قالدى - سىز ئۈچۈن ئويلىنىدىغان كىمىڭىز قالدى- سىز ۋاقتى كەلگەندە ھەممىسىگە يۈك - مۇھتاج بولسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ يەنە بىر قولىغا ئېسلىڭ - چارچىسىڭىز تېخىمۇ تىرىشىڭ - ھامان نەتىجىسى چىقىدۇ يا بىراقلا تۈگىشىسىز ياكى يالغۇزلۇققا كۈنىسىز -♀️