« بالىنىڭ تەمى » ئۇ بىر ئىللىق سېزىم '. قېنىپ-قېنىپ پۇرايسەن ، ھېچ تويمايسەن . سېنى خاپا قىلىدۇ ، ئاچچىغىڭ كەلسىمۇ بىر كۈلۈشى بىلەن كۈلۈپ كېتىسەن ، . جېنىڭنىڭ بىر پارچىسى بولغاچ قىيمايسەن . ھەر بىر كۈلۈشلىرىدە سەن ئۆزۈڭنى شۇنداق بەختلىك ھېس قىلىسەن ، ئەكسىچە يىغلىغىنىدا بولسا ، دۇنيا قاراڭغۇ ھەممىنى تاشلاپ يېنىدا بولىسەن . ئۇنىڭ يېنىدىلا ئۆزۈڭنىڭ قىممىتىنى تاپىسەن . ھېچكىم ئۈچۈن ئەرزىمەس بولساڭمۇ ... بالاڭ ئۈچۈن ئۈمىت سەن. قەلبىدىكى يىمىرلمەس تاغ سەن. ئۆينىڭ ئەركىسى ئىدىڭ بىر چاغلاردا. ئەمدى ئەكىلىتىسەن. ئىچىڭدىن كۆيۈپ , دۇنيا كەبى يۈكنى ئېغىر قەدەم بىلەن ئالغىنىڭدا , بالاڭنىڭ ئالدىدا شادىمان يۈرىسەن. چۈنكى سېنىڭ داۋامىڭ , بۇ دۇنيادىكى يىلتىزىڭ .. ئۇنىڭ ئۈچۈن جاپا تارتساڭمۇ ، يىقىلساڭمۇ ئەرزىيدۇ . مانا بۇ بالىنىڭ تەمى.