ياپون ئەسكەرلىرىمۇ ئوخشاشلا قان ۋە گۆشتىن پۈتكەن ئادەم، ياپونلارنىڭ ساپاسى يۇقىرى دەپ قارىلىدۇ، ئەمما ئۇلار دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە نېمە سەۋەبتىن ئادەمنىڭ قورققۇسى كەلگۈدەك دەرىجىدە ۋەھشىيلىشىپ كەتكەن؟بىز دائىم ياپون ئەسكەرلىرىنى: « ياپون ئالۋاستىلىرى ياۋۇز، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر» دەپ تىللايمىز، لېكىن بۇ كونا سۈرەتلەردىكى ئاددىي-ساددا، ھەتتا سەبىي چىرايلارنى كۆرۈپ، شۇنى بىلىمىزكى ، بىز تىللاۋاتقان ياپون ئالۋاستىلىرىمۇ ئاددىي ئادەم، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى بار ، بۇ سۈرەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەينى ۋاقىتتا ئەسكەرلەر ئائىلىسىدىكىلەرگە ئەۋەتىپ بەرگەن .