شۇڭا، بۇ يىلقى تۇغۇلغان كۈنۈمگە نىسبەتەن ھېچقانداق بىر قىياستىمۇ بولمىدىم. چۈنكى ئۈمىد قانچە چوڭ بولسا ئۈمىدسىزلىكمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئەمدى ماددىي جەھەتتىن ياكى مەنىۋى جەھەتتىن بولسۇن ھېچكىمدىن ھېچنەرسە تەمە قىلماسلىقنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم. مېنى جېنددىن ئەزىز كۆرۈپ ئەزىزلەيدىغانلار،كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسرايدىغانلار ئەمدى بۇ دۇنيادا يوق، بۇنىڭدىن كېيىن چوقۇم ھەممىدە ئۆزۈمگە تايىنىمەن. ئۆزۈم ئېھتىياجلىق ھەممىنى ئۆزۈمگە ئۆزۈم بېرىمەن. ئەگەر بېرەلمەي قالساممۇ ھېچقىسى يوق، بەرگۈدەك ئىقتىدارغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىنىمسىز تىرىشىمەن دەپ ۋەدە قىلدىم ئۆزۈمگە.ئەگەر باشقىلار ئۆزى خالاپ ماڭا مېھىر ۋە كۆيۈم ئاتا قىلسا، بۇنى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دەپ قارىمايمەن، مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولۇپ ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىمەن، دەيتتىم يەنە قوشۇپ.