كاللام خىيالدا، ئاغزىم گۆشناندا،كۆزلىرىم يول بويىدىكى مەنزىرىلەردە،يولدىشىم مەندىن جاۋاب كۈتۈپ بولالماي، ئاخىرى بولدى قىلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ماشىنا ھەيدىمەكتە.مەن بولسام، دېرىزە سىرتىدىكى مەنزىرىلەرگە ئىشتىياق بىلەن باقماقتا ئىدىم. سارغۇچ قومۇش پۆپۈكلىرى ئارىسىدا مەن ئىزدەۋاتقان مۇراسىم تۇيغۇسى ماڭا قاراپ جىلمايماقتا ئىدى.