نۇرغۇن كىشىلەر بىر ئۆمۈر نامرات ئۆتسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ يۈزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيۇپ، ئۆزى ئېنىقلا نامرات بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى بايدەك كۆرسىتىدۇ.بەلكىم ئەتراپىمىزدا مۇشۇنداق كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىق ۋە مول ماددىي ئاساسى يوق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھەمىشە بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قارىماققا بۇنداق ھەرىكەت باشقىلارغا ئۆزىنىڭ قانچىلىك ياخشى ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.لېكىن، ئادەم مۇنداق بىر پاكىتنى چۈشىنىشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا ئۆزى، سىز ياخشى ياشاۋاتامسىز ياكى ياخشى ئەمەسمۇ، باشقىلار ھەقىقەتەن پەرۋا قىلمايدۇ.بەلكىم سىز دوستلار چەمبىرىكىگە داڭلىق ماركىلىق سومكا چىقىرىپ، نۇرغۇن ماختاشلارغا ئېرىشكەن بولۇشىڭىز مۇمكىن، شۇ دەقىقىدە قەلبىڭىزدىكى شۆھرەتپەرەسلىك تۇيغۇسى قانائەت تاپىدۇ، لېكىن ئىككىنچى كۈنى باشقىلار سىزنىڭ داڭلىق ماركىلىق سومكا سېتىۋالغانلىقىڭىزنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.