يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆڭۈللىرىمىز ئىنتايىن نازۇكلاشتى........قەلبىمىز مېھىر - مۇھەببەتكە تېخىمۇ ئىنتىلىدىغان ، زەررىچە سوغۇقلۇقنى كۆتۈرمەيدىغان بولدى .......... مېھىرسىز كۆزلەردىن ، سوغۇق مۇئامىلىلەردىن ، قوپال ئاۋازلاردىن ئۆزىمىزنى تەبىئيلا تارتىدىغان بولدۇق ! ئىللىق چېھىرلەرگە ، خۇش تەبەسسۇملارغا مېھىرلىك كۈلكە بەردۇق ، مېھىر بەرمىگەنلەرگە ھەم تاشتەك قاتتۇق ........... مانا بۇ ئۆتكەن ئۆمرىمىزنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان نىممەتلىرى.........