نى نى قايغۇلۇق كۈنلەر كېلىدۇ، دادىدىن ئايرىلىدىغان ، ئانىدىن ئايرىلىدىغان جاناندىن ئايرىلىدىغان ، تاپقان مالۇ دۇنيا ـ جاھاندىن ئايرىلىدىغان ، تەن ساقلىقتىن ئايرىلىدىغان . تۆھمەت تاشلىرى ئاستىدا قالىدىغان ، كىشىگە يالۋۇرىدىغان ، سارغىيدىغان ، ھارىدىغان ، تالىدىغان ، قەرىزدار بولۇپ جاھان ياغىچاقىنىڭ ئالدىدا ئۆكۈز بولۇپ ماڭىدىغان شۇڭا بۈگۈنكى خۇشاللىققا ئىشەنمەڭ..نى ياخشى كۈنلەر كېلىدۇ مىڭ يىغىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ، جەم بولىدىغان ، خاتىرجەم بولىدىغان ، ھايات پەيزىنى سۈرىدىغان ، ھەممە غەۋغادىن قۇتۇلىدىغان ، سەلتەنەت تۆرىدە سۇلتانلارچە ئولتۇرىدىغان ، بالا چاقىنىڭ بەختىنى كۆرىدىغان ، ئاتا ـ ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئالىدىغان ، ھېچ غەلۋە غەۋغا كۆرمەيدىغان . شۇڭا بۈگۈنكى قايغۇغىمۇ ئىشەنمەڭ..جاھان شۇنداق يامان كۈنمۇ كىلىدۇ كىتىدۇ ، ياخشى كۈنمۇ كىلىدۇ كىتىدۇ.....