دادا قىزىنى شۇقەدەر سۆيسۇنكى — قىزچاق ھېچقاچان بۇ ئورۇننى باشقا بىر ئادەمنىڭ مۇھەببىتى بىلەن تولۇقلاشقا ئىنتىلىپ قالمىسۇن . ئەگەر دادىسى يېنىدا بولمىسا ، قىزىڭىزنى شۇ قەدەر سۆيۈڭكى ، ئۇ ئۆزىنى ئائىلىسىدە نەقەدەر قىممەتلىك ۋە سۆيۈملۈك ئادەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسۇن!بالاغەتكە يەتكەن قىزىڭىز، تۇيۇقسىز بېرىلىدىغان ھەدىيەلەردىن ، ئۇشتۇمتۇت تەكلىپنامە تاپشۇرۇۋېلىشلاردىن، شېرىن سۆزلەردىن زىيادە زوقلانمىسۇن! بىر كۈن كېلىپ ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن شىرىن سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، كەمپۈتكە ئوخشاش ئېرىپ كەتمىسۇن !قەلبىدىكى مىھىر ساندۇقىنىڭ لىق بولۇشى بىلەن ھەرخىل ساختا مىھىرلەرنىڭ ئىسكەنجىسىگە بالدۇر چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلانسۇن !❣️