نۇرغۇن كىشىلەر جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىنى «ئاكتىپ» دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى «پاسسىپ» ھالەتتە بولۇپ، مۇھىت ئۇلارنى تاللايدۇ ۋە شاللايدۇ. بۇ گېن ئۆزگىرىشتىن پەيدا بولغان يېڭى جانلىقلارنىڭ ئۇزۇن ياشىيالماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. مەسىلەن: «ئادەمسىمان ئۆچكە»نىڭ يۈز شەكلى ئېغىر دەرىجىدە ئۆزگىرىپ، نورمال ئوزۇقلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، شۇڭا تاماق يېيەلمەي ناھايىتى تېزلا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ.بەزىلەر «ئىنسانلاردىن تۇغۇلغان غەيرىي بالىلارنىڭ ياشاش ئېھتىماللىقى بۇ غەلىتە ھايۋانلارغا قارىغاندا يۇقىرى، ھەتتا بەزىلىرى ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ» دەپ قارايدۇ، بۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يېڭى تۈرلەرنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەمدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.