سەن ئۆزۇڭ كۇتكەن، ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپ بۇسۇغىسىدىن تىڭىرقاش، گاڭگىراش ئىچىدە ئاتلىدىڭ، خۇددى ھەممە ئادەم ھال رەڭ گىرىپتىن تىكىلگەن كۇڭلىكىڭگە، گۇللۇك قارا ياغلىقىڭغا، ئۇزۇن ئىككى ئۇرمە چاچلىرىڭغا، خىجىللىقتىن قىزىرىپ كەتكەن ناۋات رەڭ چىرايىڭغا تىكىلىپ قاراۋاتقاندەك لىۋىڭنى چىشلەپ، تارتىنىش بىلەن باقاتتىڭ. ئەتراپىڭدىكى ھەر نەرسە شۇنچە يىڭى، شۇنچە گۇزەل ئىدى. ئاجايىپ قايناق، ئۇلۇغ ھىس-تۇيغۇلارغا چۇمۇلگەنىدىڭ. قەلبىڭدە ئىلىم-ئىرپان كانى بۇلغان نۇرغۇن كىرىش پۇرسىتىگە مەڭگۇ ئىرىشەلمەيدۇ. بۇ مۇقەددەس ماكانى خۇددى مەككە-مۇكەررەمدىكى تاۋاپكاردەك يۇكسەكلىكنىڭ سىيماسىنى ئاپىرىدە قىلغانىدى. شۇ دەملەردىن باشلاپ ئۇقۇش ھاياتىڭنىڭ ئەڭ گۇزەل پەسلىدىكى يىڭى باھارغا قەدەم ئالغانىدىڭ. ئۇستازىڭ ئەڭ گۇزەل پەسلىدىكى يىڭى باھارغا قەدەم ئالغانىدىڭ. ھاياتنىڭ تالاي سىناقلىرىغا دۇچ كىلىپ، ئۇنى بىسىپ چۇشىدىغان ئىنسان بەزىدە ئۆز رۇھىيتىدىكى ئازغۇنلۇققا قۇل بۇلۇپ قالغان، ئاجايىپ تىلسىملارغا باي ھايات سەندىنمۇ سىناق ئىلىپ باقتى، ئاجايىپ ئىش! تۇغۇلغاندىن تارتىپ نى-نى قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۇرۇپ، ئۇقۇش ھاياتىدىڭدىكى ئەڭ قىيىن سىناقلاردا ھەممىدىن ئۇستۇنلۇككە ئىرىشكەن ئىدىڭ