20 ياشتىن ئاشقاندا مەن ...قورقتۇم چۈنكى يېشىم چوڭايغانسىرى ئەتراپىمدا مەندىن ئايرىلىدىغان يېقىنلىرىم كۆپىيىدىكەن ، ھايات ھەر كىمگە ئوخشاش ئەمەسكەن !20 ياشتىن ئاشقاندا مەن ...چۈشەندىم ھېچكىم ئاتا-ئانامدەك مېنى ھەقىقى ياخشى كۆرمەيدىكەن ، ھەم ئىزچىل قوللىمايدىكەن ۋە ئەپۇ قىلمايدىكەن !20 ياشتىن ئاشقاندا مەن ...ئۆزگەردىم كۆزۈم قىيغان ۋە قىيمىغان ھەر قانداق ئىشنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇشۇم كېرەككەن ، بۇنىڭدىن باشقا چارىمۇ يوقكەن !20 ياشتىن ئاشقاندا مەن ...بىلىپ يەتتىم كۈنلەر ئۆتكەنسېرى ھەر قانداق يىقىن ئادىمىنىڭ كۆڭلىدىكى ياخشى يامان ئويىنى تەبىيلا بىلگىلى بولىدىكەن !20 ياشتىن ئاشقاندا مەن ...تونۇپ يەتتىم بەزى ئىشلارغا جاھىللىق بىلەن ئاخىرىغىچە چىداشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقكەن !ئۇنىڭدىن كۆرە باشتىلا بەل قويۇۋېتىش كېرەككەن !20 ياشتىن ئاشقاندا مەن ...چوڭ بولدۇم ، كۆزۈمگە سىغمىغان نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرساممۇ ، كۆرمەسكە سالالايدىغان بولدۇم ، چۈنكى باشقىلارمۇ شۇنداق قېلىدىكەن !20 ياشتىن ئاشقاندا مەن ...تۇرمۇشتىن قان قېرىنداشلىقتىن سىرت ، باشقا كىشىلەر ئابەزى ئىشلارنى زورلاشقا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندىم !