رېئال تۇرمۇشتا بىز دائىم بىر خىل چۈشەنگىلى بولمايدىغان غەلىتە ئىشلارغا ئۇچراپ قالىمىز مەسىلەن: بەزى كىشىلەر نامرات بولسىمۇ كىيىم-كېچەكلىرى جۇل-جۇل، يېمەك-ئىچمىكى قىس بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ كۈنلىرىنىڭ ناھايىتى خۇشال خۇراملىق ئىچىدە ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بايقايسىز؛ يەنە بەزىلەر ھەر كۈنى بەك ئالدىراش يۈرسىمۇ، جاپا تارتىپ باشقىلاردىن ئارتۇق ئىشلىسىمۇ، نەتىجىدە خىزمەت ئۈنۈمى ئۇنچە يۇقىرى بولمايدۇ. سىز ئۆزىڭىز تىرىشىپ قىلغان ئشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئامالسىزلىقتىن ئىچىدە بايقايسىز. بۇ خۇددى كۆزى تېڭىپ قويۇلغان ئېشەكنى توختىماستىن تۈگمەن تارتقىلى سالغانغا ئوخشاش بولۇپ، ئېشەك ئۆزىنى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇ ئىزچىل ئۆز ئورنىدا چۆرگىلەپ يۈرىدۇ.