شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MU5735 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن كونكرېت ئورۇن-گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى ۋۇجۇ شەھىرى تېڭشيەن ناھىيەسىنىڭ مولاڭ كەنتى. نۆۋەتتە، ئايروپىلان ۋەقەسىدىن پەيدا بولغان ئوت ئۆچۈرۈلدى، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش، ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى نۆۋەتتە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويدى، خىزمەت گۇرۇپپىسى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە گۇاڭشىنىڭ ۋۇجۇ شەھىرىگە يېتىپ باردى ھەم خىزمەتلەرنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋۇجۇ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش تارماق ئەترىتى دەرھال 23 ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، 117 ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىمىنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى؛ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش باش ئەترىتى 500 دىن ئارتۇق ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىمىنى ياردەمگە كۆپەيتىپ ئەۋەتتى، بىرىنچى تۈركۈمدىكى ياردەم كۈچلىرى يېتىپ باردى. ئورمان ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى گۇاڭدۇڭنىڭ جاۋچىڭ، گۇاڭشىنىڭ گۈيلىندە تۇرۇشلۇق ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنىدىن ئەۋەتكەن 450 كىشىمۇ نەق مەيدانغا يېتىپ باردى.