ئىران-ئىراق ئۇرۇشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، ئۆلۈم-يېتىم ئەڭ كۆپ ئۇرۇش. بۇ ئۇرۇش سەككىز يىل داۋام قىلغان بولۇپ، بىر مىليونغا يېقىن ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، تەخمىنەن بىر مىليون 700 مىڭ ئادەم يارىلانغان ، ئۆلۈم يېتىم سانى تۆت قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ 17 ھەسسىسىگە باراۋەر بولغان.ئۇنداقتا ئىراق بىلەن ئىران ئۇرۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى زادى نېمە ؟ ئىران-ئىراق ئۇرۇشى سوۋېت-ئامېرىكا زومىگەرلىك تالىشىۋاتقان مەزگىلدە يۈز بەرگەن،ئەينى چاغدا سوۋېت بىلەن ئامېرىكا گەرچە بىر-بىرىگە چىش بىلەپ تۇرسىمۇ، ھىچكىم قول سېلىشقا پېتىنالمىغان. 1980-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىراقنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم باشلىشى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى، ئۇرۇشقا سەۋەبچى ئامىللار كۆپ خىل، ئۇنداقتا بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇرۇشىغا زادى نېمە سەۋەب بولدى؟