بارلىق ھاياتلىق ئەڭ ئاخىرىدا ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، بىز شۇنچە جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، ئاخىرىدا ئېنىقلا ھەممىنى يوقىتىمىز، ئۇنداقتا بۇنداق ياشىغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تەبىئىي جەريان، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھېچكىم خىلاپلىق قىلسا بولمايدۇ ھەم قىلالمايدۇ. ھەرقانداق ھاياتلىق، ھەتتا يۇقىرى دەرىجىلىك جانلىق بولغان ئىنسانلارمۇ تۇغۇلۇش، قېرىش، كېسەل بولۇش، ئۆلۈشنى مۇقەررەر ھالدا باشتىن كەچۈرىدۇ. مەيلى دەرىجىڭىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھايات-مامات ئالدىدا ھەممە باراۋەر، ھېچكىمدىن ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.