ئاسماندىكى ئايدىنمۇ چىرايلىق سىز،لالە-رەيھان تالدىنمۇ چىرايلىق سىز.قېشىڭىز قارا قۇندۇز، كىرپىكىڭىز نەيزە،شۇنچە گۈلدىن پەرقى زور چىرايلىق سىز.قوي كۆزىڭىز نۇرلىرى جانغا ئوت ياقار،ھەربىر كۈلۈپ قاراشىڭىز غەملىرىم ئالار.خۇش ھىدىڭىز مەست قىلۇر شىپايى ئەنبەر،شۇنچە گۈلدىن پەرقى زور چىرايلىق سىز.مەن غېرىپنى قىلدى ئاشىق ئايدەك يۈزىڭىز،يۈرەكىمنى تىلدى جانىم قىلغان سۆزىڭىز.بۇ جانىمغا ئازاپ بولدى ئىشقى ئوتىڭىز،قەلبىمدىكى دىلدارىم چىرايلىق سىز.