قەرز ھۆججىتى ياكى قەرزدارلىق ئىسپاتى دەلىل-ئىسپات سۈپىتىدە ئەرز قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى ئەمەس، قەرز ھۆججىتى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ. دەۋالاشقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەرز قىلىش شەرتلىرىنى قانائەتلەندۈرسىلا، يەنى دەۋالاشقۇچىلار بىلەن دېلو ئوتتۇرىسىدا مەنپەئەت مۇناسىۋىتى، ئېنىق جاۋابكار بولسا، كونكرېت دەۋا تەلىپى، پاكىتى ۋە ئاساسى بولسا، قەرز ھۆججىتى بولمىغان تەقدىردىمۇ ئەرز قىلىشقا بولىدۇ. ئالاقىدارلار باشقا باغلىنىشلىق دەلىل-ئىسپات ياكى ۋاسىتىلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ، مەسىلەن: قەرزدار بىلەن بولغان سۆزلىشىش خاتىرىسى، بانكا مېمورىيال خاتىرىسى، گۇۋاھچىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى قاتارلىقلار، شۇنداقلا قەرز پۇل پاكىتى ۋە قەرز پۇل سوممىسىنى ئىسپاتلايدىغان بارلىق دەلىل-ئىسپاتلار، بۇ ئارقىلىق ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھەقدارلىق-قەرزدارلىق مۇناسىۋىتى مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر نەق پۇل بېرىش شەكلى بىلەن بېرىلگەن پۇل بولسا، بانكىدىن نەق پۇل ئالغان تالون قاتارلىقلارنى بېسىپ چىقىرىش كېرەك.