ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئىدى شۇنچىلىك چوڭقۇر,يۈرۈگۈم ساڭا چىدىمىدى ۋاز كەچكۈسى يوقتۇر,سىنى ئەسلەش شەرت ئەمەس ئەمما ئەسلەتتىغۇ يامغۇر,تىلەيمەن تەڭرىم بۇ يامغۇرنى توختىماي ياغدۇر,ئايدىن كېچىدىكى ئاينىڭ شولىسى يول باشلىدى كونا جايغا,كەلدىڭ سەن ئەسلىمەڭلار ئەڭ كۆپ بولغان ئاشۇ جايغا,مەيىن شاماللار ئۇرۇلۇپ يۈزۈڭگە دىمەكچى بولدى ساڭا,قايتىلاندى بۇ مەنزىرە ئۇ بۇ يەردە بار دەپلا,ئېھ ئۇماق قىز ئاڭلا بەس ئەمدى ئۆزۈڭنى بەكلا ئازاپلىۋەتتىڭ,تۈگىسۇن سۆيگۈ ئۈچۈن تۆكۈلگەن ياشلار,قورقما ئىلگىرى ئۇ يوق شۇنچىلىك بەختلىك ياشىغانتىڭ,خوشال ياشىغىن ئۇنىڭغا باغلىغان ئۈمىدىلىرىڭنى تاشلا,ئېچىنىدۇ كۆرسە سىنى خەقنىڭ باغرىدا ئۇ بىر كۈنى,ئېيتىدۇ يېنىدىكى دوستىغا ئۇ ئىلگىرى مېنىڭكىتى,بارلىقىنى چىڭ سۆيگۈ دەپ بىر ماڭىلا بېغىشلىغانتى,بۇرۇن قەدرىنى بىلگەن بولسام ئۇ ھازىرمۇ مىنىڭكىتى,كەچۈرۈم سورىشىنى كۈتىۋاتىسەن ھېلىھەم چۈشۈڭدە ئۇنى كۆرىۋاتىسەن,كەچۈر جېنىم دەپ ئالدىڭغا كەلسە سەن يەنە ئۇنى كەچۈرىۋىتىسەن,ۋەدىلەرنى قايتا بىرىشىپ مەڭگۈ بىرگە ئۆتىسەن,بۇ پاجىئەلەر قايتىلانمىسۇن مەڭگۈ بەختىڭنى تىلەيمەن,توغرا سېنى سۆيەتتىم,قەھرىمانىم دەپ بىلەتتىم,تۇيۇقسىزلا تاشلاپ كەتتىڭ,ئەمدى يالغۇز قالدىم,ساڭا بولغان مۇھەببىتىم ئىدى شۇنچىلىك چوڭقۇر,يۈرۈگۈم ساڭا چىدىمىدى ۋاز كەچكۈسى يوقتۇر,سىنى ئەسلەش شەرت ئەمەس ئەمما ئەسلەتتىغۇ يامغۇر,تىلەيمەن تەڭرىم بۇ يامغۇرنى توختىماي ياغدۇر,