«يىلاننى تۇتۇش ناھايىتى ئاسان، خۇددى يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئارغامچىنى قولىڭىزغا تېرىپ ئېلىۋالغاندەكلا ئىش.» بۇ گەپنى قىلغان كىشى «مۈشۈك شاھ» دەپ نام ئالغان چىڭداۋلىق جاۋ شىيۇڭ ئىدى. بۇ «يىلان تۇتۇش ماھىرى» ئۆتكەن يەتتە يىلدا ساقچىلارغا ياردەملىشىپ 400دىن ئارتۇق يىلاننى تۇتۇپ، نۇرغۇن ئائىلىلەر ئۈچۈن يىلان ئېلىپ كەلگەن خەۋپنى يوقاتقان.