رېئاللىقتا ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە ھېكەيەمدە بولسىمۇ ئېرىشىپ، پۇخادىن چىقتىم. ئەسلى يولدىشىمنىڭ بىراقلا 90 گرادوس ئۆزگىرىپ،بۇنچىۋالا كۆيۈمچان بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى، ئۇنىڭ يېزىۋاتقان ھېكايەمنى ئوقۇپ، تەسىرلىنىپ ئاندىن مېنى چۈشەنگەنلىكى ۋە ماڭا تېخىمۇ ھەسسىلەپ كۆيۈنۈپ مەن بىقارار تەلپۈنۈۋاتقان مۇراسىم تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، ئەزىزلىنىش تۇيغۇسىنى ماڭا ئاتا قىلىشى دەپ يازماقچى ئىدىم.