دۆلىتىمىز مەدەنىيتى بەش مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخىقا ئىگە. بەش مىڭ يىللىق ئۇزاق تارىخىي جەرياندا نۇرغۇن سۇلالىلەر ئالماشقان . گەرچە سۇلالىلەرنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن بۇ سۇلالىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقتى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس. مەسىلەن، مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن دەپ قارالغان جۇ سۇلالىسى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1046-يىلىدىن، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 256-يىلىغىچە) بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتى 790 يىل بولغان ، ئەمما بۇ سۇلالىنى ياپونىيەدىكى تۇنجى خانىدانلىق بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئاران ياپونىيەدىكى خاندانلىقنىڭ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقتىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپونىيەدىكى بۇ خانىدانلىق ھازىرمۇ مەۋجۇت.