ئەگەر نېفىت، تەبىئىي گاز دېگەن نەرسىلەر بولمىغان بولسا پارس قولتۇقى ھىندى ئوكياندىكى ئادەتتىكى بىر قولتۇق ئىدى، نەچچە قېتىم ئۇرۇش پارتلىمايتتى، نۇرغۇن قانمۇ تۆكۈلمەيتتى. بۇ جايدا نېفىت بىلەن تەبىئىي گاز قاچان بايقالدى، شۇنىڭدىن باشلاپ پارس قولتۇقى دۇنيانىڭ ماي قاچىلاش پونكىتىغا، دۇنيا نېفىت ئىسكىلاتىنىڭ جۈمىكىگە ئايلاندى. بۇنداق دېسەك بەلكىم بەزىلەر «بەك ئاشۇرۇۋەتتىڭلارمۇ يا…» دېيىشەر، ئەمىسە مۇنداقلا دەي، سان ئۆزى سۆزلىسۇن: ھازىرغا قەدەر دۇنيادا بايقالغان نېفىت زاپىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپى 241 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلا كېلىدىغان پارس قولتۇقىدا، ئەمدىغۇ چۈشىنىشلىك بولغاندۇ؟2007-يىلى يەر شارىدا بايقالغان نېفىت زاپىسى 182 مىليارد 400 مىليون توننا بولغان، شۇڭا ئىران قورقماي «ئامېرىكا بىر تال مويىمىزغا تېگىشكە پېتىنسا، ئاكا قارىغاي ھورمۇز بوغۇزىنى تاقايدۇ،ئا قېرى جاھانگىرغا دەپ قويۇڭلار، تولا تېرە تاراقشىتىپ ئىراننىڭ نىرۋېسىغا تەگمىسۇن» دېيەلىگەن ئىدى، ئامېرىكىمۇ تېخى ئىرانغا ئومۇميۈزلۈك چىقىلالمىدى، پەقەت ئۇنى بۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ دېگەندەك بىنومۇس ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرۋاتىدۇ، بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەبى باردۇر، لېكىن بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرى چوقۇم مۇنداق: « تەييارلىقسىز كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش قىلىپ ،ھورمۇز بوغۇزى تاقىلىپ قالسا نېفىت باھاسى ۋەھشىي ئۆرلەپ كېتىدۇ، ھېچكىم بۇنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئەڭ خالىمايدىغىنى دەل ئامېرىكا».ئۇنداقتا دۇنيادىكى نېفىتنىڭ يېرىمدىن جىقى بۇ يەردە بولسا قالغان يېرىمى نەدە؟ پارس قولتۇقىدىن باشقا دۇنيادا يەنە مۇشۇنداق نېفىت مىچچىدە جۇغلىشىپ قالغان باشقا جايلارمۇ بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، تېخى دۇنيانىڭ بۇ ئىككىنچى نومۇرلۇق ماي قاچىلاش پونكىتىدىمۇ يەنە شۇ ئىراننىڭ ئۈلۈشى بار. بۇ جاي دەل ئىراننىڭ شىمالىدىكى كاسپىي دېڭىزى.كاسپىي دېڭىزى پارس قولتۇقىدىنمۇ چوڭ، كۆلىمى 386 مىڭ 800 كىۋادرات كىلومېتىر چىقىدۇ، ئەمما پارس قولتۇقى كىچىك بولغىنى بىلەن دۇنيا دېڭىز-ئوكيانلىرى ئائىلىسىدە راۋرۇس ئورنى بار مۇھىم ئەزا، ئەمما كاسپىي دېڭىزى چوڭ بولغىنى بىلەن سەل بىچارە، ئىسمى دېڭىز بولغان بىلەن نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنى دېڭىز دەپ ئېتىراپ قىلمايدۇ تېخى، چۈنكى ئۇ راستلا دېڭىز ئەمەس، بەلكى بىر كۆل،پەقەت شۇ چوڭراق كۆل خالاس، ئەمما بۇ كۆلنىڭ سۈيى تۇزلۇق، ئىچكىلى بولمايدۇ.