بەزىلەر ھاياتنى بىر دەرسخانا قاتارىدا كۆرۈپ، ھەممە ئادەمدىن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نەرسىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئۆگىنىپ، مەكتەپتە ئوقۇيدىغان پۇلنى تېجەپ قالالايدۇ.بەزىلەر ئۆز قەدىمى بىلەن يىراقلارغا بېرىپ، ساياھەتنىڭ پۇلىنى تېجەپ قالىدۇ.بەزىلەر ھېچقانداق چېنىقىش ئۈسكۈنىسىگە ئېھتىياجلىق بولمايلا ئۆيىدە گىمناستىكا ئويناپ چېنىقىش ئۆيىگە بارىدىغان پۇلنى تېجەپ قالىدۇ.لېكىن بۇلارمۇ تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپ قىلمىغانلىققا كىرمەيدۇ، چۈنكى بىز بۇنىڭغا ۋاقتىمىزنى سەرپ قىلىمىز ئەمەسمۇ.