خەلقىمىز ئۇزۇن يىللار مابەينىدە ھەرخىل ئۆسۈملۈك ، زىرائەتلەردىن پايدىلىنىپ ئېغىزىغا تېتىيدىغان ، كۆزگە چىرايلىق كۆرۈندىغان ، مىزىلىك پۇراقلاردىكى تائاملارنى ئىجاد قىلىپ ، ئۆزىنىڭ تائام مەدەنىيىتى ۋە فىزىئولوگىيلىك ئارزۇسىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە روھى دۇنياسىنى بېيىتىپ كەلگەن . كىيىنچە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئۇزۇقلىنىش بىر خىل ئېھتىياجدىن يەنە بىرخىل تۇرمۇش لەززىتىگە ئايلاندى . شۇ ۋەجىدىن تائاملارغا ئىشلىتىدىغان خۇرۇچلارغا بولغان ئېھتىياج كۈنسېرى كۆپىيىپ ، يېقىنقى ئون نەچچە يىل مابەينىدە ھەرخىل ماركىدىكى تائام تېتىتقۇلىرى بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ ، يەنىلا خەلقىمىزنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغان تەمنى تاپالمىغانلىقىدەك بوشلۇقنى تۇلدۇرۇش ئۈچۈن شىركىتىمىز كۆپ يىل ئىزدىنىپ، كەڭ خەلق ئارسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ ، ئۇلارنىڭ تېتتقۇغا بولغان ئارزۇسىنى يىغىنچاقلاپ ، داڭدار ئۇستاملارنىڭ مەخپى رېتسىپلىرىنى ئىنچىكلىك بىلەن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يىڭىدىن تەبئىيلىككە ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا ، ئەڭ ساپ ۋە پاكىز ھالەتتىكى « بەگچى » ، « كونسۇل » ماركىسىدىكى تېتىتقۇلارنى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق .