بىر ئادەمنى ياخشى كۆرگەندىكى تۇنجى ئىنكاس نېمە؟ بۈگۈن مەن بىر نەچچە دوستۇم بىلەن بۇ تېما توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قالدىم، ھەر بىر ئادەمنىڭ قارىشى ئوخشاش ئەمەس ئىدى. بەزىلەر: «بىراۋنى ياخشى كۆرۈش دېگەنلىك ئۇنى كۆرۈشى بىلەن تەڭ كۆزلىرى چاقناپ كېتىش، ئەتراپىدىكى ھەممە شەيئى ئەڭ گۈزەل ھالەتتە كۆرۈنۈش دېگەنلىكتۇر.» دېسە، يەنە بەزىلەر مۇنداق دېيىشتى: «ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، ئۇنى ئىنتايىن مۇكەممەل ھېس قىلدىم، ئارقىدىنلا ئۇنىڭ چىشىنىڭ ئانچە رەتلىك ئەمەسلىكىنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە مەن ھەتتا ئۇنىڭ كىچىككىنە مۇكەممەلسىزلىكىدىن ئالەمچە خۇشال بولدۇم.»نۇرغۇن كىشىلەر مۇھەببەتلەشكەندە ئەڭ دەسلەپكى يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇشتىن ئۇنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە ۋە بىر مۇكەممەل ناتونۇش ئادەمدىن ئادەتتىكى ئەمما قىممەتلىك ئادەمگە ئايلىنىشقۇچە بولغان جەرياننى باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاخىرىدا بايقىدىڭىزمىكىن مانا بۇ سىز سۆيگەن، ھەقىقىي ۋە مۇكەممەل بولغان ئۇ.