تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يېمەكلىكلەرمۇ بارغانسېرى كۆپ خىللاشتى، تېخىمۇ كۆپ نازۇ-نېمەتلەر كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ساغلام يېمەكلىكلەر، لېكىن بەزىلىرى ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق «ئەخلەت يېمەكلىكلەر». كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدە تەييار چۆپ ئەڭ تىپىك ئەخلەت يېمەكلىككە تەۋە، ئەمەلىيەتتە يەنە نۇرغۇن ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەر سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن بولۇپ، تەييار چۆپنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىدىن تۆۋەن.بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن 6 خىل ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى، تۇرمۇشتا ئىمكانقەدەر ئاز يەپ، سالامەتلىككە ناچار تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.