ھايات سەنلەيدۇھايات ساڭا بوغۇزۇڭغا كەپلەشكەن ئاچچىقنى قانداق كۈچ بىلەن يۇتقۇنۇپ يۇتۇشنى ئۆگىتىدۇ..ھايات ساڭا ئېچىشقان بۇرنۇڭنى تاتماي تۇرۇپ چوڭقۇر تىنىشنى ئۆگىتىدۇ ..ھايات ساڭا چاناقلىرىڭغا تولغان لىققىدە ياشنى بىرتامچىنىمۇ تۆكۈۋەتمەستىن قارچۇقۇڭغا سىڭدۈرۋېتىشنى ئۆگىتىدۇ ..ھايات ساڭا چارچاپ ھېچ ماغدۇرۇڭ قالمىغاندىمۇ ئورنۇڭدىن دەس تۇرۇشنى ئۆگىتىدۇ ..ھايات ساڭا ئىمكانسىزلىقنىڭ ئىلاجىسىزلىقنىڭ مەنىسىنى ھەر دوقمۇشلىرىدا بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ ..ھايات ساڭا قەيسەرلىكتىن باشقا ھېچنېمەڭ يوقلىقىنى ئۆزۈڭدىن باشقا ھېچكىمىڭ يوقلىقىنى پىشانەڭگە ئويىۋېتىدۇ ....ھايات ساڭا ئۆزەڭنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يۈرەك باغرىڭنى يېرىپ بەرگۈدەك تۇرۇپمۇ يەنە ۋاز كېچىشنى ئۆگىتىدۇ .. ھايات سېنىڭ ئىنسان بىلمەيدىغان بۇلۇڭلىرىڭنى ئازاپلىق ياشلارغا تولدۇرۋەتسىمۇ ھەرقانداق بىرى بار يەردە كۈلۈمسىرەپ يۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ .. ھايات سىلى ئۆزلىرى دېمەيدۇ ، ئۇ «سەن» لەيدۇ ...ئەمما ....ھايات - قىلغاننى بىلىدۇ ، ۋاپا قىلىشنى بىلىدۇ .... پەقەتلا ، خاراكتېرى سەل قوپال ....