ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ بېسىمى ئۇنچە چوڭ ئەمەس ئىدى، ئۇچۇرمۇ ئۇنچە تەرەققىي قىلمىغان، تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا، يەككە-يېگانە بولۇپ، بىر-بىرىگە ئورا كولىمايتتى، ھېچ ئىش بولمىسا كۆپچىلىك يىغىلىپ پو ئېتىپ پاراڭلىشاتتى، قارتا ئوينايتتى، بېلىق تۇتاتتى، بىللە تاغقا چىقاتتى، ئۇلار بىر-بىرى بىلەن باردى-كەلدى قىلاتتى، خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى ئاز ئىدى، يوق دېگىلى بولمايتتى!چۈنكى خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئەڭ چوڭ بىر سەۋەبى شۇكى: ئادەم بىر خىل ئۆزىنى بېكىنمە ھالەتتە تۇرىدۇ، بۇ خىل بېكىنمە قەلبنىڭ بېكىنمىسى بولۇپ، ئۆزىنى ئۆزى بېكىنمە ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئازاب ۋە چۈشكۈن دۇنيادا ياشىغاچقا، ئەڭ ئاخىرىدا كېسەللىككە ئايلىنىپ قالىدۇ.شۇڭا ئەگەر سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز رەڭگارەڭ بولسا، بۇنداق ياكى ئۇنداق ئىشلار تۇرمۇشىڭىزدىن ئۈزۈلمىسە، كۈن بويى سىزنى ئىزدەيدىغان كىشىلەر توپى بولسا، ئۇنداقتا سىزنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىڭىز كۆپ ياخشىلىنىدۇ.