ئۇنىڭ لەگلىكى بۈگۈن موللاق ئاتمايلا ئاسمانغا ئۆرلىدى. لەگلىكىنىڭ لەرزان ئۆرلىشىدىن شادلانغان ساتتارنىڭ چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلەندى. تۈنۈگۈن تارازىسىنى ياخشى تەڭشىيەلمىگەن ئىكەنمەن، ئەمدى بىلدىم، لەگلەك تارازىسىنى چىغنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا بېقىپ تەڭشىسەم ئوبدان بولغۇدەك، تۈنۈگۈن شۇنداق قىلمىغاچقا، تولا موللاق ئېتىپ ئۇچمىغانىكەن. ئۇ ئۇچۇۋاتقان ئاققۇدەك لەگلىكىدىن مەمنۇن بولۇپ، سۇغۇقنى ئۇنتۇپلا كەتتى. ئۇ غالتەكتىكى يىپنى سىلكىپ بەردى. ھەر قېتىم سىلكىگەندە لەگلەك ئېگىز ئۆرلەيتتى.لەگلىكىمنىڭ قۇيرۇقىنى ئۇزۇن بىر تال قىلغۇچە ئىككى تال قىلسام بوپتىكەن، دەپ ئويلىدى ئۇ، ئاندىن سەھەرنىڭ سەلكىنىدە ئاق ئۆردەكتەك ئۇچۇۋاتقان لەگلەكنىڭ يىپىنى تېز-تېز يىغىشقا باشلىدى.