كىم ئۇ كىم ئۇ مېنىڭ دىرىزەم چەككەن،كىم ئۇ مېنىڭ قەلبىمنى چەگكەن.جىمجىتقىنا خىلۋەت دىلىمغا،مۇھەببەتنىڭ گۈلىنى تەرگەن.كىم ئۇ زادى مېنى تەۋرىتىپ،ئەللەيلىتىپ بۆشۈككە بۆلگەن.كىم ئۇ زادى ئاشىقىنى دەپ،بىر تىرىلىپ يەنە مىڭ ئۆلگەن.بىلەلمىدىم قاچاندىن بىرى،كۆيۈپ ياندى بۇ يۈرەك ساڭا.ھىجران شۇنداق ئاچچىقمۇ دۇنيا،تىلىڭ بولسا جاۋاپ بەر ماڭا.كىم ئۇ تاتلىق ئەسلىمىلەردىن،تارتىپ چىققان مېنى سۇغۇرۇپ.ئونبەش ياشتا كۆرگەن چۈشۈمنى،ئوتتۇز ياشتا بەرگەن قايتۇرۇپ.كىم ئۇ زادى مېنى ئويغاتقان،كىم ئۇ زادى باغرىم قانمىغان…………………ئۇچقۇن